ترامپ: بۇندىن كېيىن، دۆلەتلەرنىڭ بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى نەزەرگە ئالغان-ئالمىغانلىقىغا قارايمىز

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن ئەھۋالدا ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1056964
ترامپ: بۇندىن كېيىن، دۆلەتلەرنىڭ بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى نەزەرگە ئالغان-ئالمىغانلىقىغا قارايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نىيۇ يوركتا چاقىرىلغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 73-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ : «ئىككى يىلدىن قىسقا بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ھۆكۈمىتىمىز دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىدىكى باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى» دەپ سۆزىنى باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى. ئۇ بولسا، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا: «بۇنداق ئىنكاسنىڭ كېلىشىنى كۈتمىگەن ئىدىم، ئەمما ھېچگەپ يوق» دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئېلىپ بارغان يادرو سۆھبەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ يەردە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ جاسارەت بىلەن باسقان قەدىمىگە تەشەككۈر ئېيتىشنى خالايمەن» دېدى.

ئۇ شىمالىي كورېيە تولۇق مەنىدە يادرو قوراللىرىدىن خالىي بولغىچە ئېمبارگولارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۈرىيەدىكى تىراگېدىيەلەرنىڭ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى خىمىيەلىك قورال توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن ئەھۋالدا، ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىدە، سۈرىيە ۋە يەمەندە ئاققان قاندا ئەڭ كۆپ ئىراننىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئىرانغا قارشى يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولار ھەققىدە توختىلىپ: «بىز ئۆتكەن ئاي ئىران كېلىشىمىنىڭ رامكىسى بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرغان يادرو كېلىشىم ئېمبارگولىرىنى قايتىدىن يولغا قويۇشنى باشلىدۇق، بۇ 5-نويابىرغىچە داۋاملىشىدۇ. ئارقىدىن ئۇنىڭدىن چوڭىراقى كېلىدۇ. ئىراندىن خام نېفىت ئىمپورت قىلغان دۆلەتلەر بىلەن سېتىۋېلىشنى توختىتىش توغرىسىدا كۆرۈشۈۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ ئىراننىڭ دۇنياغا ئەڭ خەتەرلىك قوراللار بىلەن تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە: «ئامېرىكاغا ئۆلۈم دېگەن ۋە ئىسىرائىلىيەنى يوقىتىمىز، دەپ تەھدىت سالغان بىر ھاكىمىيەتكە رۇخسەت قىلالمايمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىنىڭ رايونغا مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئۇيغۇن باھادا نېفىت، كۆمۈر ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشقا تەييارمىز. نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ھەر دائىمكىگە ئوخشاش باشقا دۆلەتلەرنى قىلتاققا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. بۇنى ياقتۇرمايمەن» دېدى.

ئۇ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر (OPEC) گە قارىتىپ: «بۇ قورقۇنچ باھانىڭ تېخىمۇ ئۆرلىشىگە قاراپ تۇرالمايمىز» دېدى.

ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئامېرىكانىڭ ئىسلاھات تەلىپىنى ئورۇنلىغىچە كېڭەشكە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىمۇ قوللىمايمىز. ئامېرىكا خەلقئاراجىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئادالىتىگە، نوپۇزى ۋە قانۇنىي ئورنىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدىكى شېرىكلىرى بىلەن قالايمىقان كۆچنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈم تەسىرىدىن ۋەيران بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بۇ يەردە يىغىلغان دۆلەتلەرنى ۋېنېزۇئېلادا دېموكراتىيەنىڭ قايتىدىن تەسىس قىلىنىشى ئۈچۈن بىزگە قېتىلىشىنى چاقىرىمەن» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئاخىرىدا، ئامېرىكانىڭ قىلىۋاتقان ياردەملىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە بۇندىن كېيىن پوزىتسىيەسىنىڭ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قوغدىشىمىزغا ئېرىشكەن ۋە دوللىرىمىزنى ئالغان دۆلەتلەرنىڭ، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى نەزەرگە ئالغان-ئالمىغانلىقىغا قارايمىز، پەقەت بىزگە ھۆرمەت قىلغانلارغا ۋە دوستلىرىمىزغا ياردەم قىلىمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر