شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى خەلقئارا قانۇن سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىردى

شىمالىي كورېيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خەلقئارا قانۇن سىستېمىسى قۇرۇش توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

1056936
شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى خەلقئارا قانۇن سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزىي سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇ سان چول، رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى خەلقئارا قانۇن مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ، «ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، كورېيە يېرىم ئارىلىدا مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئورنىتىشقا ئىجابىي ھەسسە قوشىدۇ» دېدى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى بۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قانۇن سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىپ، «دۇنياۋى باراۋەرلىك ۋە ئادالەت ئورنىتىش ئۈچۈن، <ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى چىقىش مېخانىزمى> شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. سىياسىي ۋە قانۇنىي ئورگانلار، ۋاشىنگتوننى قىلمىشلىرىدىن ھېساب بېرىشكە چاقىرىشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا كۈچ ۋە مونۇپۇل قىلىش ۋاسىتىسى، دەپ باھا بەرگەن ئۇ سان، «ئېمبارگولار شىمالىي كورېيەنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا، خەلقىمىزنىڭ ياشاش ۋە گۈللىنىش ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر