ئامېرىكا: رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بېرىشى چوڭ خاتالىق

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جون بولتون موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەگە ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بېرىشىنىڭ «چوڭ خاتالىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1056081
ئامېرىكا: رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بېرىشى چوڭ خاتالىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جون بولتون نىيۇ يوركتا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە «S-300» ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى بېرىشىنىڭ، رايوندا ئەسلىدىلا بار بولغان جىددىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جون بولتون موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەكلىكىنى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن مەزكۇر مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


ئۇ رايوندىكى ئامېرىكا قىسىملىرى ئۈچۈن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، ئىسىرائىلىيەنىڭمۇ «ئىراننىڭ ئۇرۇشقاق پوزىتسىيەسى» گە قارشى ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىراننىڭ رايوندىكى تەسىرى يوقالمىغىچە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئىران ئەسكەرلىرى ئىران چېگراسىنىڭ سىرتىدا تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا رايوندىن چېكىنمەيمىز. بۇ ئىراننىڭ ۋەكىللىرىنى ۋە قوراللىق كۈچلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ تۈنۈگۈن (24-سېنتەبىر) سۈرىيەگە ئىككى ھەپتە ئىچىدە «S-300» ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىسى بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ سۈرىيەگە بېرىلىدىغان سىستېمىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەرنى نىشان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر