پۇتىن نېتانياھۇ بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلگەن رۇسىيە ئايروپىلانى توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى – كرېمىل، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1056214
پۇتىن نېتانياھۇ بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلگەن رۇسىيە ئايروپىلانى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆتكەن ھەپتە سۈرىيەدە چۈشۈرۈۋېتىلگەن رۇسىيە ئايروپىلانى توغرىسىدا توختىلىپ، «رۇسىيە تەرەپ، تىراگېدىيەنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەرىكەت قىلماقتا» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى – كرېمىل، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى؛ باياناتتا، نېتانياھۇ، رۇسىيەنىڭ چۈشۈپ كەتكەن İL-20 تىپلىق ئايروپىلانىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن قايتا تەزىيە بىلدۈرگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ۋەقە توغرىسىدا بەس – مۇنازىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۇتىن نېتانياھۇغا «رۇسىيە تەرەپ، تىراگېدىيەنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەرىكەت قىلماقتا» دېگەن.

باياناتتا يەنە پۇتىننىڭ، خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزگۈسى تەھىدتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، سۈرىيەگە ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئىلغارلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيەنىڭ İL-20 تىپلىق ھەربىي ئايروپىلانى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ S-200 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن؛ رۇسىيە، ئىسرائىلىيە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بۇ ئايروپىلاندىن قالقان سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن، İL-20 تىپلىق ئايروپىلانغا راكېتامىيوت تەگكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى ئامىكوم نوركىن ۋە ھەمراھلىقىدىكى بىر ھەيئەت، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتە موسكۋادا زىيارەتتە بولغانىدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، تۈنۈگۈن İL-20 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە سۈرىيەگە S-300 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر