خىتاي ئامېرىكاغا تەيۋەن سەۋەبىدىن نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ئايروپىلان سېتىپ بېرىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1056359
خىتاي ئامېرىكاغا تەيۋەن سەۋەبىدىن نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە « F-16 »تىپلىق ھەربىي ئايروپىلان ۋە باشقا ھەربىي ئايروپىلانلار ئۈچۈن 330 مىليون دوللارلىق زاپاس ئۈسكۈنە سېتىشىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گىڭ شۇاڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، ئامېرىكانىڭ قورال سېتىش كېلىشىمى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىش پىلانىدىن قاتتىق بىئارام بولدۇق ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى چىقىمىز.»

ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن باياناتچى، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى گىڭ ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنى خىتاي ۋە ئامېرىكا بىرلىكتە ئىمزالىغان كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىشقا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە تەيۋەن بىلەن ھەربىي ساھەدىكى مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە چاقىردى.

باياناتچى يەنە تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس زېمىنى ئىكەنلىكىنى ۋە ھېچكىمنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەنگە « F-16 » تىپلىق ھەربىي ئايروپىلان ۋە باشقا ئايروپىلانلارنىڭ زاپاس ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى، بۇ كېلىشىمنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇققا زىيان بەرمىگەن ئاساستا تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش قابىليىتىنى ئاشۇرۇشتا رول ئوينايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا «بىر خىتاي»سىياسىتىگە ئاساسەن 1979-يىلى تەيۋەننىڭ ئورنىغا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى «خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قانۇنلۇق سىياسىي ھاكىمىيەت»دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى غەيرى رەسمىي شەكىلدە داۋملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. تەيۋەننى  ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا، تەيۋەنگە ھەر يىلى مىليارد دوللارلىق قورال ساتماقتا.

خىتايدا 1949-يىلى  ماۋ زېدۇڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن بەزى ھۆكۈمەت ئەزالىرى تەيۋەنگە قېچىپ ئارالدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى ۋە «مىللەتچى خىتاي»نامى ئاستىدا تەيۋەن دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى. تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماي كېلىۋاتقان خىتاي، بۇ ئارالنىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىلماس زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر