ئىراندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامېن بولدى
ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئاھۋاز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ھەربىي پارات جەريانىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 8 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى، 20 كىشى يارىلاندى.
1054612
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاھۋاز شەھىرىدە مۇقەددەس قوغدىنىش ھەپتىلىكى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات جەريانىدا ھەربىي كىيىم – كېچەكلەر بىلەن نىقابلىنىۋالغان زوراۋانلار دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئوق چىقارغان، ئۇدا 10 مىنۇت داۋاملاشقان ھۇجۇمدا ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ 8 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىراننىڭ دۆلەتلىك «‹ IRNA › خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمدا 20 كىشى يارىلانغان، زوراۋانلاردىن 4 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن.