ھىندىستان ئىراندىن رۇپى بىلەن نېفىت سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا چارە سۈپىتىدە ئىراندىن رۇپى بىلەن نېفىت سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1053724
ھىندىستان ئىراندىن رۇپى بىلەن نېفىت سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان بۇنىڭدىن كېيىن ئىراندىن مىللىي پۇلى رۇپى بىلەن نېفىت سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا چارە سۈپتىىدە ئىراندىن رۇپى بىلەن نېفىت سېتىۋېلىشنى قارار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھىندىستاندىكى نېفىت شىركەتلىرىنىڭ بۇ يىل نويابىردىن باشلاپ ئىراندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىتنىڭ پۇلىنى ھىندىستان دۆلەتلىك سودا-سانائەت بانكىسى ئارقىلىق رۇپى بىلەن تۆلەيدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى باشقۇچىلىق ئېمبارگو پىلانى بۇ يىل 5-نويابىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدۇ. 5-نويابىردىن باشلاپ ئىران دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى، ئىران نېفىت سودا شىركىتى ۋە مەملىكەتلىك نېفىت ماشىنىلىرى شىركىتى  قاتارلىق ئورۇنلارغا خەلقئارادا چەكلىمىلەر قويۇلىدۇ ۋە ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمى نېفىتقا تايىنىدىغان ئىرانغا ئوخشاش بەزى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىغا ئېمبارگو ئىجرا قىلىنىدۇ.

ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى 5-نويابىردىن باشلاپ ئىران بىلەن نېفىت سودىسى قىلىدىغان شىركەتلەرگىمۇ ئېمبارگو قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر