شىنزو ئابې پارتىيە سايلىمىدا يەنە غەلىبە قىلدى
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې قايتىدىن لېبېرال دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، پارتىيە رەئىسلىكى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا شىنزو ئابېنىڭ ئومۇمى ئاۋاز بېلىتى بولغان 807 بېلەتنىڭ %70 نى (553 بېلەتنى) قولغا كەلتۈرۈپ، رەقىبى شىگېرۇ ئىشابانى يەڭگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
شىنزو ئابې سايلامدىن كېيىن سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «ئەمدى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ۋقىت يېتىپ كەلدى. كۈرەش ئەمدى باشلىنىدۇ. كېلىڭلار! يېڭى بىر ياپونىيە ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە خىزمەت قىلايلى!» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ياپونىيەدە 2012 – يىلىدىن بۇيان لېبېرال دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسىلىكى شۇنداقلا ياپونىيە باش ۋەزىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتۈپ كېلىۋاتقان 63 ياشلىق شىنزو ئابې، 2021 – يىلى سىنتەبىر ئېيىغىچە باش ۋەزىرلىكىنى داۋملاشتۇرغان تەقدىردە، ياپونىيەدە ئەڭ ئۇزۇن مۇددەت باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان رەھبەر تارو كاتسۇرادىنمۇ 2886 كۈن كۆپ ۋەزىپىدە ئولتۇرغان رەھبەرگە ئايلىنىدۇ.