73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش مۇزاكىرىلىرى كېلەر ھەپتە باشلىنىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش مۇزاكىرىلىرى كېلەر ھەپتە باشلىنىدۇ.

1051672
73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش مۇزاكىرىلىرى كېلەر ھەپتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش مۇزاكىرىلىرى كېلەر ھەپتە نىيۇيورك شەھىرىدە باشلىنىدۇ.

مۇزاكىرىلەرگە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.

ب د ت 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى 140دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ ۋە 25-سېنتەبىردە باشلىنىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قاتنىشىدۇ.

رۇسىيە پىرېزىدېتنى ۋىلادىمىر پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بۇ قېتىملىق ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ، بىراق بۇ يىغىنغا بۇ دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى قاتنىشىدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقى ۋە چاقىرىقلىرىنىڭ ئەكسىچە ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا سېلىنغان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان بىرما لىدېرى ئاڭ سان سۇ چىمۇ بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ.

ب د ت ئومۇمىي كېڭەش مۇزاكىرىلىرىنىڭ بۇ يىلقى تېمىسى «ھەممە ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى: تىنچ، ئادىل ۋە سىجىل جەمىيەتلەر ئۈچۈن دۇنياۋى لىدېرلىك ۋە ئورتاق مەسئۇلىيەتلەر»قىلىپ بېكىتىلدى.

ھەر يىلى سېنتەبىردە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۇچرىشىدىغان لىدېرلەر  خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە چارە ئىزدەش بىلەن بىرگە، دۆلەتلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

ئومۇمىي كېڭەش مۇزاكىرىلىرىدە سۈرىيە كىرىزىسىدىن ئاراكانلىق مۇساپىرلارغىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى بەلگىلىمىلىرىدىن پەلەستىن مەسىلىسىگىچە، كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن كۆچمەن مەسىلىسىگىچە بولۇپ نۇرغۇن مەسىلە ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئومۇمىي كېڭەشكە خىتاب قىلىدۇ.

لىدېرلەر 25-سېنتەبىردىن باشلاپ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلىدۇ ۋە بۇ 1-ئۆكتەبىردە ئاخىرلىشىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر