ياپونىيەنىڭ نوپۇسى بارغانچە قېرىلاشماقتا
ياپونىيەدە 65 ياشتىن ھالقىغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1050759
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە 70 ياشتىن ھالقىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %20دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە ئىچكى ئىشلار ۋە ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، ياپونىيەدە 70 ياشتىن ھالقىغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ 26 مىليون 180مىڭغا يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %20.7 نى تەشكىل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
خەۋەردە ياپونىيەدە 65 ياشتىن ھالقىغان ئەر-ئايال سانىنىڭ بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 440مىڭ ئېشىپ 35 مىليون 570مىڭغا يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %28.1نى تەشكىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ياپونىيەدە 60ياشتىن ھالقىغان ئاياللارنىڭ سانىنىڭ تۇنجى قېتىم 20مىليوندىن ئېشىپ ئاياللار نوپۇسىنىڭ %31 نى تەشكىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.