رىۋاندادا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىندى

شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى رىۋاندادا ئىچكى كابىنېتنىڭ قارارىغا ئاساسەن كۆپ سانلىقى سىياسىي مەھبۇسلاردىن تەشكىل تاپقان 2140 كىشىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1050471
رىۋاندادا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىۋاندا ئىچكى كابىنېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئېلان قىلىنغان كەچۈرۈمنامە دائىرىسىدە، ئۆكتىچى دېموكراتىك كۈچلەر بىرلەشمىسى پارتىيەسىنىڭ لىدىرى ۋىكتوئىرې ئىنگابىرې ۋە ناخشىچى كىزىتو مىخىگو قاتارلىق 2140 ئادەم قويۇپ بېرىلدى.

پايتەخت كىگالىدىكى ماگېراگېرې تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىنگابىرې مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «قويۇپ بېرىلىشىمىزگە رۇخسەت قىلغان پىرېزىدېنت پائۇل كاگامېغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

«بۇنىڭ رىۋاندا سىياسىي ساھەسىنىڭ ئېچېۋېتىلىشىنىڭ باشلانغۇچى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلمەن» دېگەن ئىنگابىرې، تۈرمىدىكى باشقا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭمۇ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن پىرېزىدېنت كاگامېغا چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر