ناتو: تۈركىيە مۇھىم ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ ناتو نىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1050063
ناتو: تۈركىيە مۇھىم ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋاشىنگتوندا شەھىرىدە بىر تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن چاقىرىلغان «21 – ئەسىردە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئەسى  سىستېمىسى  ئېلىش قارارى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەربىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي قارارىدۇر. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى، ئوخشىمىغان سىستېمىسلاردىن ئورتاق بىر شەكىلدە پايدىلىنىشتۇر.»

تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك جەيلىشىش ئورنىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ستولتېنبېرگ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خەرىتىگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، تۈركىيەنىڭ قانچىلىق دەرىجىدە چوڭ ھەم مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز، ئىراق ۋە سۈرىيە بىلەن قوشنا بولغان تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەشتىكى ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز. تۈركىيە سۈرىيەلىك مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ناھايىتى سەزگۈر خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە. جۈملىدىن تۈركىيە مۇسالىرپار كىرىزىسى مەسىلىسىدىمۇ ناتو نىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشىدۇر. تۈركىيە مىليونلارچە سۈرىيەلىكنى باغرىغا باسماقتا. ئەگە  دېڭىزىدىن تەرتىپسىز شەكىلدىكى كۆچمەنلەر ئېقىنىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ناھايىتى مۇھىمدۇر. تۈركىيە سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغان  دەرىجىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر. <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى ۋە < F-35> تىپلىق ئايروپىلانلار مەسىلىسىدە ئىختىلاپ ھەم قىيىنچىلىق بار. بۇ ھەقتە دىيالوگ ئۆتكۈزۈلۈشىدىن ئىنتايىن خۇرساەنمەن. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى،  تۈركىيەنىڭ رولى بارلىق ئىتتىپاقداشلارغا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر