خىتايدا بىر شوپۇر پەيدا قىلغان قەتلىئامدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 11 گە چىقتى

خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە، يارىدار بولغانلار سانىنىڭ 44 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1048924
خىتايدا بىر شوپۇر پەيدا قىلغان قەتلىئامدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 11 گە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە، 54 ياشلىق ياڭ زەنيۇڭ ئىسىملىق بىر شوپۇرنىڭ خەلق توپلىشىپ تۇرغان مەيدانغا ئاپتومبىل بىلەن بېسىپ كېرىپ، كىشىلەرنى ئاپتوموبىل بىلەن باسقانلىقى، ئاندىن ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈپ، قولىدىكى قوزۇق ۋە گۈرجەك بىلەن ئۇدۇل كەلگەنلىكى كىشىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

 ياڭ زەنيۇڭنىڭ ئىلگىرىكى جىنايەت ئارخىپلىرىمۇ خېلى ئېغىر بولۇپ، ئۇنىڭ بۇرۇن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، ئوغرىلىق، ئوت قويۇپ بېرىش ۋە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جىيەتلىرى تۈپەيلىدىن تۈرمىدە ياتقانلىقى قەيت قىلىندى.

خۇنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا ۋەقەگە قارىتا «قەستەن خەلقتىن ئىنتىقام ئېلىش پىسىخىئولگىيەسى بىلەن تۇغدۇرۇلغان ۋەقە» دەپ باھا بېرىلدى.

ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر