مىسىر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئىدلىب توغرىسىدا سۆزلەشتى

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەنسەپدېشى ئادىل ئەلجۇبەير بىلەن ئىدلىب مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1047939
مىسىر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئىدلىب توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەنسەپدېشى ئادىل ئەلجۇبەير بىلەن ئىدلىب مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى ۋە ئەستايىدىل سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سىياسىي چارە تېپىش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شۇكرىنىڭ 150 – نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەنسەپدېشى ئادىل ئەلجۇبەير بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا، ئىككى مىنىستىرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت، ئىدلىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئۇچرىشىشتا، ئىككى مىنىستىرنىڭ ب د ت نىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا ئەستايىدىل سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي چارە تېپىش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ بالدۇرراق قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر