ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىدلىب توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئىدلىب ۋە ئوتتۇرا قىسىمغا جايلاشقان ھاما ۋىلايەتلىرىدە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1046779
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىدلىب توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى ماجا كوجىجانجىج ئىدلىبقا قىلىنىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ توختىتىلىشىنى چاقىرىق قىلغانلىقلىرىنى خاتىرىلىتىپ، مۇنداق دېدى:

«ھۇجۇم پاجىئەلىك يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ۋە ئاچچىق قىسمەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىرىمىزنى داۋام قىلىۋاتىمىز. ب د ت نىڭ بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلىرىنى قوللايمىز.»

خەلق مۇداپىئەسى مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىن تارتىپ ئىدلىبنىڭ غەربى، غەربىي جەنۇبى ۋە ھامانىڭ شىمالىغا قىلىنغان ھاۋا بومباردىمانلىرى ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىلىنغان ھۇجۇملاردا، 29 بىگۇناھ پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغان ۋە ئەڭ ئاز دېگەندە 71 كىشى يارىلانغان. بۇ مەزگىلدە ھۇجۇم سەۋەبىدىن ھامانىڭ شىمالىدىن كەفەرزىتا يېزىسىدا خەلق مۇداپىئە مەركىزىي بىلەن يەر ئاستى دوختۇرخانىسى ۋە لاتامنە يېزىسىدىكى دوختۇرخانا پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

بۈگۈن (10-سېنتەبىر) رۇسىيە بىلەن بەشبشار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىب بىلەن ھامادا تۇرالغۇ جايلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى، بومباردىماندا 17 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا قوراللىق ئۆكتىچىلەر ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىدلىب ۋە ئەتراپىدىكى بەزى جايلارنىڭ، 2017-يىلى 4-5-ماي كۈنلىرى ئېچىلغان ئاستانا يىغىنىدا، «توقۇنۇشماسلىق رايونى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. بىراق، رۇسىيە بىلەن بەشبشار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئايروپىلانلىرى پات-پات رايوننى بومباردىمان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر