يەمەندە ھۇسىيلار ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئونلارچە ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1046356
يەمەندە ھۇسىيلار ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ غەربىگە جايلاشقان ھۇدەيدە شەھىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئونلارچە ھۇسىي ئەزاسى ئۆلدى ۋە يارىلاندى.

ھۇسىيلار بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى. نۆۋەتتە ھۇدەيدە شەھىرىدە ئارمىيە بىلەن ھۇسىيلار ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، يەمەن ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىققا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان يەمەندە، قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ھۇسىيلار، 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتىروللۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بولسا، 2015 – يىلىدىن برى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر