مېكسىكىدا ئاممىۋى مازاردا نۇرغۇن جەسەت تېپىلدى
مېكسىكىدا بايقالغان ئاممىۋى مازاردا نۇرغۇن كىشىنىڭ جەسەتلىرى تېپىلدى.
1045400
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىدا تەپتىش جورج ۋىنكلېر ۋېراجرۇز ئۆلكىسىنىڭ قولتۇق ساھىللىرىدا بايقالغان بىر ئاممىۋى مازاردا 166 كىشىنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ تېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ مازارنىڭ قەيەردىلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋىنكلېر، تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى كۆمۈلگەنلىكىگە دائىر ئىزلارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە تېپىلغان بۇ ئاممىۋى مازار ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا چىققان مازارلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن بىرى بولۇپ، دۆلەتتە زەھەر ئەتكەسچىلىرى قۇربانلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئادەتتە بۇنداق مەخپىي مازارلارنى ئىشلىتىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستان 6 ئىران مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
سسەئۇدى ئەرەبىستان ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 6 مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.