ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى مۇخبىرلارنى يارىلاندۇردى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 ژۇرنالىست يارىلاندى.

1043860
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى مۇخبىرلارنى يارىلاندۇردى
israil aa muhabiri yaralanma1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان راماللاھتا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە مۇداخىلىسىنى كۆزىتىۋاتقان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ فوتو سۈرەت مۇخبىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 ژۇرنالىست ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلاندى.

راماللاھنىڭ غەربىدىكى راس قارقار يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۆزىتىۋاتقان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ فوتو سۈرەت مۇخبىرى ئىسلام رىماۋى، فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) نىڭ مۇخبىرلىرىدىن ئابباس مۆمىنى بىلەن ئەنگلىيە پۇقراسى جو دايكې ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلاندى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يارىلانغان مۇخبىرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئىكەن.

يەھۇدىي كۆچمەنلەر يېقىندىن بۇيان يېڭى ئولتۇراق مەھەللىلىرى بەرپا قىلىش ئۈچۈن راس قارقاردا پەلەسىتنلىكلەرگە ئائىت زېمىنلار ئۈستىدە يول ياساۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتقان پەلەسىتنلىكلەر بىلەن يەھۇدىي كۆچمەنلەرنى قوغداۋاتقان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە ئىكەن.

ئىسرائىلىيە 1967 – يىلدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا قانۇنسىز ھالدا يۈزلەرچە ئولتۇراق مەھەللىلىرىنى بەرپا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئولتۇراق رايونلىرىدا تەخمىنەن يېرىم مىليون، شەرقىي قۇددۇستا بولسا 220 مىڭ  يەھۇدىي كۆچمەن ياشايدىكەن. خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغاندا، ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلاردا بەرپا قىلىنغان بارلىق يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرى قانۇنسىز ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر