ئامېرىكا ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دائىرىلىرى، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

1043320
ئامېرىكا ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دائىرىلىرى، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ئەگەر بەششار ئەسەد قايتىدىن خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش يولىنى تاللىسا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى تېز شۇنداقلا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بۇ جەھەتتىكى مەيدانىمىز ئېنىقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاقساراي مەتبۇئات بايانات مەركىزى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە دائىر پوزىتسىيەسى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ باياناتتا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىن بىر ھۇجۇمىنىڭ خەۋپى ئاستىدا مىليونلارچە بىگۇناھ پۇقرا ياشاۋاتقان سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە. پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، بۇ خىل بىپەرۋالارچە بىر ھۇجۇمنىڭ ئەسلىدىنلا تىراگېدىيەلىك بولۇۋاتقان بىر توقۇنۇشنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى ۋە يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى» دېيىلدى.

«ئوچۇق بولايلى، ئەگەر بەششار ئەسەد قايتىدىن خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش يولىنى تاللىسا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى تېز شۇنداقلا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بۇ جەھەتتىكى مەيدانىمىز ئېنىقتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنىڭ دىپلوماتىيە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرتمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى» نى، «بولۇپمۇ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا قارشى قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقى» نى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر