ئەسەدنىڭ ئوباماغا مەخپىي خەت ئەۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بەششار ئەسەدنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن باراك ئوباماغا مەخپىي خەت ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1043489
ئەسەدنىڭ ئوباماغا مەخپىي خەت ئەۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەدنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباماغا مەخپىي ھالدا خەت ئەۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي تەرىپىدىن يېزىلغان «ھەر كۈن باشقا»ناملىق كىتابتا، 2010-يىلى ئەسەدنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى ئۆتكۈزۈشىگە ۋاستە بولۇشى ئۈچۈن پىرېزىدېنت باراك ئوبامادىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

كېررىې كىتابىدا  ئەسەدنىڭ ئوباماغا «ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن 1967-يىلى ئىشغال قىلىنغان گولان تۆپىلىكى سۈرىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ بەزى قەدەملەرنى تاشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى»يازدى.

ئەسەدنىڭ بۇ خەتنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانىياھۇغىمۇ ئەۋەتكەنلىكىنى يازغان كېررىي، نېتانياھۇنىڭ ئەسەدنىڭ بۇ تەكلىپىگە «ھەيران قالغانلىقىنى»ئەسكەرتتى.

كىتابتا ئەسەدنىڭ خېتىدىن كېيىن 2011-يىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىغىچە ئامېرىكىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا «ئىسرائىلىيە بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئارىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى»، لېكىن بۇ مۇزاكىرىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل بولمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەسەدنىڭ سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىشىنىڭ ئەكسىچە تېل ئاۋىۋ ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنىمۇ يازغان كېررىي، ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسەدنىڭ سەممىيىتىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئەسەدتتىن « ھىزبۇللاھنى قورال بىلەن تەمىنلەشكە خاتىمە بېرىش»نى تەلەپ قىلغانلىقىنى، لېكىن ئەسەدنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان قەتلىئاملىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان كېررىي، كىتابىدا مۇنۇ ئىبارىگە ئورۇن ئاجراتتى: «تۆت مېتىر نېرىڭىزدا ئولتۇرۇپ سىزگە يالغان گەپ قىلالىغان بىرسى ئۆز خەلقىنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەندىن كېيىن دۇنياغىمۇ ئاسانلا يالغان گەپ قىلالايدۇ.»

جون كېررىي سۈرىيەنى ئوباما ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قالدۇرۇپ قويۇلغان «ئېغىر جاراھەت»دەپ تەرىپلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر