پاكىستاندا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

پاكىستاندا تۈنۈگۈن (4-سېنتەبىر) پارلامېنتلاردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى (PTI) پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئارىف ئالۋى رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن.

1043744
پاكىستاندا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 4-سېنتەبىر پاكىستان پارلامېنتىنىڭ ئىككى قانىتى بىلەن تۆت ئىشتات پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئاۋاز ساناش ئىشلىرى باشلانغان بولۇپ، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى قانىتىدا 430 بېلەت تاشلانغان. ئارىف ئالۋى 212 ئاۋازغا ئېرىشىپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئۆكتىچىلەرنىڭ ئورتاق نامزاتى بولغان مەۋلانە فازلۇرراھمان 131 ئاۋازغا، پاكىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئائىتزاز ئاھسانا 81 ئاۋازغا ئېرىشكەن. ئارىف ئالۋى سىندىھدىن باشقا تۆت ئىشتاتتىمۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

پاكىستان تاراتقۇلىرى غەيرى رەسمىي نەتىجىلەرگە ئاساسەن ئارىف ئالۋىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنت بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ئارىف ئالۋىنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقى ۋە سايلىنىشقا يېتەرلىك بولغان 236 ئاۋازغا، فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى قانىتى ۋە بېلۇجىستاندىنلا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستاندىكى مەۋجۇت سىياسىي قۇرۇلمىغا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى قانىتى ۋە تۆت ئىشتات پارلامېنتىدا ئاۋاز تاشلىنىدۇ.

پاكىستان پىرېزىدېنتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. يېڭى پىرېزىدېنت 9-سېنتەبىر ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشىدىغان مەمنۇن ھۈسەيىندىن ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر