لىۋىيەدىكى توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

1042914
لىۋىيەدىكى توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇس ۋە ئەتراپىدا 26-ئاۋغۇستتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ئەڭ ئاز 21 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقى باياناتچىسى لىز تروسسېل ب د ت جەنۋە ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «لىۋىيەدە توقۇنۇشقا ئارىلاشقان تەرەپلەر راكېتامىيوت، توپ ئوقلىرى ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلەتمەكتە.»

باياناتچى تروسسېل بىر ھەپتىن ئارتۇق داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردا ئىككىسى بالا، ئىككىسى ئايال بولۇپ ئەڭ ئاز 21 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 16 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

«بارلىق تەرەپلەرنى ھۇجۇملىرىغا خاتىمە بېرىشكە ۋە پۇقرالارنى قوغداشقا چاقىرىمىز»دېگەن باياناتچى تروسسېل، بۇ توقۇنۇشلارنىڭ لىۋىيەدىكى تۇراقسىز كۆچمەنلىك ھادىسىسىنى تېخىمۇ كەسكىنلىشتۈرۈۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

تروسسېل «دەلىل-ئىسپاتسىز نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان»تەخمىنەن 8000 كۆچمەننىڭ توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن يېمەك-ئىچمەكسىز قالغانلىقىنى ئېيتتى.

پايتەخت ترابلۇس 26-ئاۋغۇستتىن بۇيان مەملىكەتلىك مۇرەسسە ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئوفېستىرلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا. مەملىكەتلىك مۇرەسسە ھۆكۈمىتى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 41 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 128 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە 8 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مەملىكەتلىك مۇرەسسە ھۆكۈمىتى كېڭىشى پايتەختتىكى توقۇنۇش سەۋەبلىك تۈنۈگۈن پايتەخت ۋە ئەتراپىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى، ئۆتكەن جۈمە كۈنى بولسا ترابلۇستىكى خەلقئارا مىتىگا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى بىكار قىلىندى. لىۋىيە ئاۋام پالاتاسى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئاساسىي قانۇننى ئەل رايىغا قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ئاۋاز قويۇش پائالىيىتىنى پايتەخت ترابلۇستىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر