پاكىستاندا ئەتە پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

پاكىستاندا ئەتە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10:00دا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1042084
پاكىستاندا ئەتە پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 9-سېنتەبىردە توشىدىغان مەمنۇن ھۈسەيىننىڭ ئورنىغا كېلىدىغان يېڭى پىرېزىدېنتنىڭ تەيىنلىنىشى ئۈچۈن ئەتە سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10:00دا پارلامېنتنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى قانىتى بىلەن تۆت ۋىلايەتنىڭ مەجلىسىدە ئوخشاش ۋاقىتتا باشلىنىپ سائەت 16:00دا ئاخىرلىشىدۇ.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ھاكىمىيەت پارتىيەسى ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن ئۈچ نامزات رىقابەتلىشىدۇ.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى نامزاتى مەزكۇر پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ۋە پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى ئەزاسى ئارىف ئالۋى بولدى.

پاكىستان خەلق پارتىيەسى ئايتىزاز ئاھساننىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىرلەشمە ھەرىكەت ئىتتىپاقىنىڭ لىدېرى مەۋلانا فازلۇرراھماننى نامزاتلىققا كۆرسەتتى.

فازلۇرراھمان پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتىدىكى  بىرلەشمە ھەرىكەت ئىتتىپاقى، پاكىستان مۇسۇلمان ئىتتىپاقى ۋە ئاۋامى مەملىكەت پارتىيەسى، پارلامېنتنىڭ ئۈستۈن قانىتى بىلەن ۋىلايەت مەجلىسى ئەزاسى پاھتۇنھۋا مىللىي ئاۋامى پارتىيەسى بىلەن مەملىكەت پارتىيەسىنىڭ ئورتاق نامزاتى سۈپىتىدە سايلامغا قاتنىشىدۇ.

پاكىستاندا جەمئىي 706 ئەزاسى بولغان پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئەڭ ئاز 236 ئاۋازغا ئېرىشكەن نامزات پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىدۇ.

پاكىستاندا پىرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن 45ياشتىن ئاشقان ۋە  مۇسۇلمان بولۇش شەرتى بار.

پاكىستاندا ئىجرائىيە ۋەزىپىسى بولغان پىرېزىدېنت 5 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر