«كاتالونىيەگە تېخىمۇ ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق بېرىش كېرەك»

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى كاتالونىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1042345
«كاتالونىيەگە تېخىمۇ ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق بېرىش كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز كاتالونىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق بېرىش مەسىلىسىدە ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىگە قارشى چىقتى.

سانچېز «كادېنا سېر»رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كاتالونىيە ھۆكۈمەت باشلىقى كىيۇم توررا بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان دىيالوگنىڭ، كاتالونىيەنىڭ ئاپتونومىيەسىنى كۈچەيتىدىغان راي سىناش پائالىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

بۇنىڭ قانداقتۇر مۇستەقىللىق ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سانچېز: بۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئەمەس بەلكى بىر ئاپتونومىيەلىك ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى بولىدۇ، دېدى.

بۇ يىل ئىيۇندا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن سانچېز، ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىنى قاچان ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا توختالمىدى.

كاتالونىيە 1978-يىلى  دىكتاتور فىرانكىسكو فىرانكو ئۆلۈپ 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن تۈرتكىسىدە ئاپتونومىيەلىك سالاھىيەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، 2006-يىلى تېخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئېرىشتى.

ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى 2010-يىلى ئىسپانچە ئورنىغا كاتالونچىنى دەسسىتىش ۋە رايوننى مىللىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن ماددىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشى بىلەن، ئىسپانىيەدە مۇستەقىللىق تالاش-تارتىشلىرى قايتىدىن باش كۆتۈردى.

بۇلتۇر 1-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىدىن كېيىن يەرلىك پارلامېنت 27-ئۆكتەبىردە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئىسپانىيە مەركەز ھۆكۈمىتى يەرلىك ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىپ رايوننى مەركەزدىن باشقۇرۇشنى قارار قىلدى ۋە بەزى يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

بۇلتۇر 21-دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن بالدۇر سايلامدا بۆلگۈنچى پارتىيە ئازلا پەرق بىلەن ئۇتۇپ چىقىپ مۇستەقىللىق مەقسىتى بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقتى.

تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سابىق كاتالونىيە لىدېرى كارلېس پۇيىگدېمونت بېلگىيەگە قاچقاندىن كېيىن، كاتالونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مەركەز ھۆكۈمەت ئارىسىدا پەيدا بولغان سۈركىلىش ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر