ھىندىستاندا پويىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

ھىندىستاندا 5 ئاي ئىچىدە پويىز ۋاگونلىرىنىڭ ئىشىكلىرىگە ئىسىلىپ سەپەر قىلىش جەريانىدا پويىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 406 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1041871
ھىندىستاندا پويىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، تۆمۈر يوللىرى ئىدارىسى مەسئۇلى نىكەت كۇشىكنىڭ بۇ يىل بومباي شەھىرىدە پويىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلىگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى. 

نىكەت كۇشىك بۇ يىل دېكابىر ئېيىدىن ئىيۇن ئىيىغىچە جەمئىي 406 كىشىنىڭ پويىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 871 كىشىنىڭ ئېغىر يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پويىزىن چۈشۈپ كېتىپ ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئالدىنقى يىلى 360 كىشى بولغانلىقىنى قەيت قىلغان نىكەت كۇشىك، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ پۇيىز تولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن يولۇچىلارنىڭ ۋاگون ئىشىكلىرىگە ئېسىلىپ سەپەر قىلىشى ۋە سەپەر جەريانىدا چۈشۈپ كېتىشى تۈپەيلىدىن يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

ئالاقىدار مەسئۇللار پويىزلارنىڭ ئىشىكلىرىگە ئېسىلىپ سەپەر قىلىشنىڭ قانۇن بويىچە چەكلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بۇ يىل جەمئىي 5105 كىشىنىڭ بۇ خىل قازالارغا دۇچار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر