ئامېرىكا ۋەكىلى تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى باش ئەلچى جەيمس جېففېرى 1 – سېنتەبىردىن  4 – سېنتەبىرگىچە ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە ۋە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1041192
ئامېرىكا ۋەكىلى تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى جوئېل رايبۇرنمۇ زىيارىتىدە جېففېرىگە ھەمراھ بولىدۇ.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جېففېرىنىڭ ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىراننىڭ مۇقىمسىزلاشتۇرغۇچى قەدەملىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

 ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، « سۈرىيە ھۆكۈمىتى خىمىيەلىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان تەقدىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئىدلىبكە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان تەقدىردە، سۈرىيە ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقى ھەمدە پۇقراۋى ئۆلۈملەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقى تەكىتلەندى. باياناتتا يەنە، جېففېرى بىلەن رايبۇرننىڭ، «سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈشتە تۈركىيە بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلللىكىگە تەيىنلەنگەن سابىق ئەنقەرە باش ئەلچىسى جەيمس جېففېرى 17 ئاۋغۇست كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر