گېرمانىيەدە جامە ھۇجۇمچىسى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

گېرمانىيەنىڭ درېسدېن شەھىرىدە بۇنىڭدىن 2 يىل ئىلگىرى جامەگە ھۇجۇم قىلغان نىنو كۆئۆلېر 9 يىل 8 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1041318
گېرمانىيەدە جامە ھۇجۇمچىسى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: درېسدېن شەھىرىدە دىنىي ئىشلار تۈرك – ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق «فاتىھ جامەسى» بىلەن «خەلقئارا يىغىن مەركىزى» گە قول بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانىدى.

درېسدېن ئۆلكىلىك سوت مەھكىمىسى بۇنىڭدىن ئىككى بۇرۇنقى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ  نىنو كۆئۆلېر ئىكەنلىكىنى بېكىتىپ، ئۇنى  9 يىل 8 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، 31 ياشلىق زوراۋاننىڭ ئىسلام ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى PEGIDA  ھەرىكىتى بىلەن چېتىشلىقى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر