جەنۇبىي سۇداندا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

جەنۇبىي سۇدان ئۆكتىچىلىرى سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەلبەشىرنىڭ تەلەپلىرىنى سېنتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان ھۆكۈمەتلەر ئارا تەرەققىيات كومىتېتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا كاپالەت بەرگەندىن كېيىن، تىنچلىق كىلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1040641
جەنۇبىي سۇداندا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي سۇداندىكى ئەڭ چوڭ قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرى بولغان رىيېك ماچار بىلەن باشقا توققۇز ئۆكتىچى گۇرۇپپىنىڭ بىرلەشمىسى ھېسابلىنىدىغان جەنۇبىي سۇدان ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، تۈنۈگۈن (30-ئاۋغۇست) پايتەخت خارتۇمدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، كېلىشىم تېكىستى ھەققىدىكى تەلەپلەرنىڭ يازما شەكىلدە ئۆمەر ئەلبەشىرگە ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۆكتىچىلەر باياناتتا، «قارار چىقىرىش مېخانىزمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، بارلىق گۇرۇپپىلار قوشۇلماي تۇرۇپ كېلىشىم تېكىستىگە ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن قارار چىقىرىش يېتەرلىك سانىنى بەلگىلەش، ئىشتات سانى بەلگىلىنىدىغان تېكىستنىڭ كېلىشىم تېكىستىگە قوشۇش، ئاساسىي قانۇننىڭ خەلقنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىغان قانۇن بولۇشى، سۇدان، ئۇگاندا، كېنىيە ۋە ئېفىيوپىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ كاپالەتلىك قىلغۇچى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش» كە ئوخشاش تەلەپلىرىنى رەتكە تىزدى.

جەنۇبىي سۇداندىكى ئەڭ چوڭ قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرى ماچار ۋە باشقا توققۇز ئۆكتىچى گۇرۇپپا تۈنۈگۈن (30-ئاۋغۇست) تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ئىدى.

2011-يىلى سۇداندىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان جەنۇبىي سۇدان، پىرېزىدېنت سالۋا كىئىر ماياردىتنىڭ مۇئاۋىنى رىيېك ماچارنى 2013-يىلى 16-دېكابىر «ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش»  بىلەن ئەيىبلەپ ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتقان ئىدى. 2015-يىلى تەرەپلەر ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن بولسىمۇ، 2016-يىكى 8-ئىيۇل پايتەخت جۇبادا توقۇنۇشلار قايتىدىن پارتلىدى. ئارقىدىن سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەلبەشىر بىلەن ئۇگاندا پىرېزىدېنتى يوۋەرى مۇسەۋىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى ۋە سالۋا كىئىر ماياردىت بىلەن رىيېك ماچار 2018-يىلى ئىيۇندا ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن،  تەرەپلەر 7-ئىيۇلدا ئىمزالانغان بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدىكى كېلىشىمىدە، 5-ئاۋغۇستتا ھاكىمىيەت ۋە بايلىقلارنى بۆلۈشۈش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈش بەلگىلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر