ۋوكس خەۋەرلەر تورى ترامپنىڭ كىم جوڭ ئۇنغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىيۇن ئېيىدا سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇنغا «كورېيە ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىدىغان كېلىشىمنى دەرھال ئىمزالايدىغانلىقى» نى ئېيتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1040143
ۋوكس خەۋەرلەر تورى ترامپنىڭ كىم جوڭ ئۇنغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ۋوكس خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان ئالېكس ۋارد ئىمزالىق خەۋەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار مۇھىم بىر مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىردى.

خەۋەردە، 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن كېيىنلا «كورېيە ئۇرۇشىغا قانۇنىي مەنىدە خاتىمە بېرىدىغان بىر تىنچلىق كېلىشىمىغا ئىمزا قويۇش» توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكى، بىراق ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ترامپنىڭ بۇ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، ترامپنىڭ ۋەدىسىدە تۇرماسلىقىنىڭ پىيوڭياڭ دائىرىلىرىدە ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلغانلىقى، شۇ ۋەجىدىن يادرو قورالسىزلىنىش مەسىلىسىدە شىمالىي كورېيەنىڭ پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولۇشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ ھەقتە ۋوكس خەۋەرلەر تورىغا ئىزاھات بەرگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشقان تەقدىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر بارلىق دىپلوماتىك قەدەملەرنى تاشلاشقا پۈتۈنلەي ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما ئاقساراي ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى. بىراق، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك ئاتمۇسفېرا بۇزۇلۇشقا باشلىغان، ئامېرىكا تەرەپ شىمالىي كورېيەنى يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا 1953 – يىلى ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۇرۇش توختىغان بولسىمۇ، بىر تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇش ئەمەلىي مەنىدە ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر