ئافغانىستاندا تالىبان ھۇجۇمىدىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار ئىستېپا بېرىشكە باشلىدى

ئافغانىستاندا تەخمىنەن 2 ھەپتە ئىلگىرى تالىبان غەزنە ۋىلايىتىگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنىگە ئىستېپا ئىلتىماسلىرىنى سۇندى.

1037756
ئافغانىستاندا تالىبان ھۇجۇمىدىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار ئىستېپا بېرىشكە باشلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىقى بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ھەنىف ئاتمار، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋەيىس بەرمەك، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تارىق شاھ باھرامى ۋە ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى مەسۇم ئەستانىقزاي قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئىستېپا ئىلتىماسلىرىنى پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنىگە سۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئەشرەف غەنىنىڭ ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىقى بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئاتمارنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىپ، قالغىنىنى رەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا ئاتمارنىڭ ئورنىغا ئافغانىستاننىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھەمدۇللاھ مۇھىبنى تەيىنلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئاتمار ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، دۆلەت مەسئۇللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئېغىر مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئىستېپالارغا تالىباننىڭ غەزنە ۋىلايىتىگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئەۋج ئالغان نارازىلىقلار سەۋەب بولغانلىقى ئىگلىرى سۈرۈلمەكتە.

تالىباننىڭ تەخىنەن 2 ھەپتە ئىلگىرى غەزنە ۋىلايىتىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، 100 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر