ئىراندا پارتلاش يۈز بەردى
پارتلاشتا 3 بىنا پۈتۈنلەي يىقىلىپ چۈشتى ۋە 15 بىنا زىيانغا ئۇچرىدى.
1037488
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ مەشھەد شەھىرىدە پار قازىنى پاتلاپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋەقەدە، جەمئىي 10 كىشى ئۆلدى.
پارتلاشتا 3 بىنا پۈتۈنلەي يىقىلىپ چۈشتى. 6 كىشى نەخ مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 4 كىشى ئېغىر يارىدار بولۇپ ياتقۇزۇلغان دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى.
يارىدار ھالەتتە قۇتقۇزۇپ چىقىلغان 5 كىشى بالنېستتا داۋالانماقتا.
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، ئىران قىزىل ئاي جەمئىيىتى ۋە سەھىيە ئەترەتلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيداندا جىددىي خىزمەت باشلىدى.
پارتلاش يۈز بەرگەن رايوندا 15 بىنا زىيانغا ئۇچرىدى.