ھىندىستاندا يىلان ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى

ھىندىستاننىڭ كەرالا ئۆلكىسىدە سەل سەۋەبىدىن تەخمىنەن 400 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم سەلنىڭ زىيىنىغا ئۇچىغان كىشىلەرگە يىلان چىقىۋىلىشىدىن ساقلىنىشقا ئالاقىدار ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

1037434
ھىندىستاندا يىلان ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش فوندى جەمئىيىتىنىڭ، سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەن كەرالا ئۆلكىسىدە سۇلار تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتىشقا باشلىغان پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، يىلانلارغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش فوندى جەمئىيىتى يۈرتلىرىغا قايتىپ كەلگەن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆيلىرىدە چوڭ يىرتقۇچ يىلان، كۆزئەينەكلىك يىلان ۋە كىچىك زەھەرلىك يىلانلارنى ئۇچراتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خادىملارنىڭ ئۆلكە مىقياسىدا يىلان تازىلاش سەپەرۋەرلىكى باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جەمئىيەت مەسئۇلى جوس لوئۇس ئۆلكىدە سۇ ئاپىتىگە سەۋەب بولغان يامغۇر پەسلىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، يىلانلارنىڭمۇ كۆپىيىدىغان پەسلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «سۇ ئاپىتى نۇرغۇنلىغان يىلانلارنىڭ ئۇۋىسىنى ۋەيران قىلدى. بۇ يىلانلار ئۈچۈن كۆپىيىدىغان پەسىل بولغاچقا يېڭى تۇغۇلغان يىلانلار سەل سۇلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەتراپقا يېيىلىپ كەتتى» دېدى. 

پەسىللىك يامغۇر ئىيۇن ئېيىدا باشلانغان بولۇپ، ئىيۇندىن بۇيان يىلان چىقىۋېلىش ۋەقەلىرى كۆپەيدى. يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدىلا 50 قېتىم يىلان چىقىۋىلىش ۋەقەسى كۆرۈلگەن ئىدى. 

نۇرغۇنلىغان ئۆيلەردە يىلانلارنىڭ بايقىلىشى سەۋەبىدىن رايوندا يىلان چىقىۋىلىش تۈپەيلى ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

كەرالا ئۆلكىسىدە 3 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەسىللىك يامغۇر سەۋەبىدىن بۇ يىل 400 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر