ھىندونېزىيەنىڭ لومبوك ئارالىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەندىشە ياراتماقتا

ھىندونېزىيەنىڭ لومبوك ئارالىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 555 كە يەتتى.

1037150
ھىندونېزىيەنىڭ لومبوك ئارالىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەندىشە ياراتماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە ئاپەت ۋە جىددى ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ھىندۇنېزىيەنىڭ شەرقىدىكى لومبوك ئارىلىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ  555 كىشىگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يەر تەۋرەش ئاپتىدە 7000 دىن كۆپرەك كىشىنىڭمۇ يارىدار بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 

قالدۇق تەۋرەشلەر سەۋەبىدىن 75 مىڭ ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى. 431 مىڭ 436 كىشى ئۆيلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. 

مەزكۇر ئارالدا 5ئاۋغۇست كۈنى 7 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن 2 كۈن بويىچە قايتىدىن 6.3 بال ۋە 6.9 بال يەر تەۋرەشلەر يۈز بەرگەن ئىدى.

لومبوك ئارىلىدا 18 كۈن ئىچىدە 1000 قېتىمدىن كۆپرەك قالدۇق يەر تەۋرەشلەر قەيت قىلىندى.

خارابىلىقلار ئارىسىدىن ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا ۋە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر