ۋېنېزۇئېلادا 7.3 بال يەر تەۋرىدى

ۋېنېزۇئېلانىڭ شەرقىي شىمالىدا يەر تەۋرىدى.

1036043
ۋېنېزۇئېلادا 7.3 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلانىڭ شەرقىي شىمالىدا 7.3 بال يەر تەۋرىدى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن نۇرغۇن ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلدى.

كولۇمبىيە، گۇيانا، باربادوس، گرېناداغا ئوخشاش قوشنا دۆلەتلەردىمۇ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى ھېس قىلىندى.

كولومبىيەنىڭ پايتەختى بوگوتادىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمدا ئايروپىلان سەپەرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ۋېنېزۇئېلا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نېستور لۇيىس رېۋرول ھازىرغىچە بىرمۇ ئادەمنىڭ قازاغا يولۇقمىغانلىقىنى، لېكىن يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ۋاناتۇ تاقىم ئاراللىرىدىمۇ يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى.

6.7 بال يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ياكى ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر