مىكروسوفىت رۇس خاكېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالدى

داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركىتى مىكروسوفىت رۇس خاكېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1036125
مىكروسوفىت رۇس خاكېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىدىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركىتى مىكروسوفىت، رۇس خاكېرلىرىنىڭ سىبەر ھۇجۇمىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شىركەت رۇس خاكېرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە يېقىن تەتقىقات ئورگانلىرىدىن ئۇچۇر-مەلۇمات ئوغۇرلاشقا ئۇرۇنغانلىقلىرىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ھۇجۇمىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىركەت مەسئۇللىرى خاكېرلارنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

شىركەت بۇ ئەھۋالنىڭ ئامېرىكىدا بۇ يىل  نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارغا رۇسىيەنىڭ يەنە ئارىلىشىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە مىكروسوفىت شىركىتىغا دەرھال جاۋاب قايتۇردى.

كىرمېل باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ، مىكروسوفىت شىركىتىنى ئىسپاتسىز ئەيىبلەش بىلەن ئەيىبلىدى.

پېسكوۋ مۇنداق دېدى: «قايسى خاكېرلارنىڭ گېپى بولىۋاتىدۇ بۇنىڭدىن خەۋىرىمىز يوق، ھەتتا قايسى سايلاملار بۇنىڭدىنمۇ مەلۇماتىمىز يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر