ماراكەش پادىشاھى 450 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى
ماراكەش پادىشاھى 6-مۇھەممەد بۇلتۇرقىغا ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ نۇرغۇن مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى.
1035388
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش پادىشاھى 6-مۇھەممەد «پادىشاھ ۋە خەلق ئىنقىلابى»كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 450 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى.
ماراكەش ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «پادىشاھ 6-مۇھەممەد تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خان يارلىقى بىلەن 450 مەھبۇسنى قويۇپ بېرىش قارار قىلىندى.»
ماراكەش پادىشاھى 6-مۇھەممەد «پادىشاھ ۋە خەلق ئىنقىلابى»كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇلتۇرمۇ 415 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلغانىدى.