سۈرىيەنىڭ دەرئا ئاھالىلىرى يەنە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى

سۈرىيەنىڭ دەرئا ناھىيەسىدە قوراللىق ئۆكتىچىلەر بىلەن رۇسىيە كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن يەرلىك ئاھالىلەر كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى.

1030736
سۈرىيەنىڭ دەرئا ئاھالىلىرى يەنە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دەرئا ناھىيەسىدە قوراللىق ئۆكتىچىلەر بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى قوبۇل قىلماي رايوننى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىللار سۈرىيەنىڭ شىمالىغا يېتىپ كەلدى.

دەرئانىڭ جاسىم ناھىيەسىدىن تۈنۈگۈن كەچتە قوزغالغان ئاپتوموبىللار، بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئىدلىب ۋە ھەلەبنىڭ غەربىگە جايلاشقان يېزىلاردىكى ۋاقىتلىق تۇرالغۇ جايلارغا يېتىپ كەلدى.

قوراللىق ئۆكتىچىلەرنى ۋە يەرلىكلەرنى ئېلىپ ماڭغان 10 ئاپتوموبىلدا 94ى ئايال، 162ى بالا بولۇپ جەمئىي 452 كىشى بار ئىدى.

دەرئادىن ئىدلىب ۋە ھەلەب رايونلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سانى 3300دىن ئاشتى.

ھاكىمىيەت ۋە قوللىغۇچىلىرى رۇسىيەنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا بۇ يىل 20-ئىيۇندا دەرئاغا ھۇجۇم قوزغىدى. رۇسىيە بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر 6-ئىيۇلدا سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تەرىقىدە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.

كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن دەرئادىن 15-ئىيۇل نۇرغۇن ئاھالە كۆچۈشكە باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر