پەلەستىنلىك پىدائىيلار ئىسرائىلىيە مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئاتلاندى

پەلەستىنلىك پىدائىيلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئاق دېڭىزغا قاراپ يولغا چىقتى.

1030738
پەلەستىنلىك پىدائىيلار ئىسرائىلىيە مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئاتلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان مۇھاسىرنى بۇزۇپ تاشلاشنى كۆزلىگەن نۇرغۇن پەلەستىنلىك، ئىسرائىلىيە مەجبۇرىي تېڭىپ كېلىۋاتقان دېڭىز چېگراسى سىزىقىغا قاراپ قېيىقلار بىلەن ھەرىكەت قىلدى.

غەززە مۇھاسىرىسىنى بۇزۇش مەملىكەتلىك ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئىسرائلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقان نۇرغۇن پەلەستىنلىك، 40 قېيىق بىلەن غەززەدىكى بېلىقچىلار پورتىدىن ئاق دېڭىزغا قاراپ يولغا چىقتى.

بۇ ھەرىكەتنىڭ باياناتچىسى ئەتھەم ئەبۇ سەلمىيە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە مۇنداق دېدى: «دۇنياغا مۇھاسىرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە غەززە دۇچ كېلىۋاتقان تىراگېدىيەلەرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى تەشكىللىدۇق.»

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ئۆز زېمىنىدا مۇھاسىرە سىياسىتى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ سىياسەتنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە قائىدە-پىرىنسپىلارغا تۈپتىن زىت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئەبۇ سەلمىيە، غەززە مۇھاسىرىسىنى بۇزۇش مەملىكەتلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھاسىرە پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغۇچە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

بۇ ھەرىكەت بۇ يىل 29-مايدىن بۇيان ھازىرغىچە 3 قېتىم ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، ھەرىكەتكە قاتناشقان نۇرغۇن پەلەستىنلىك قولغا ئېلىنىپ، قېيىقلىرى مۇسادىرە قىلىندى.

غەززەدە ياشاۋاتقان 2 مىليوندەك پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيەنىڭ 2006-يىلدىن بۇيان دېڭىز، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان مۇھاسىرىسى سەۋەبلىك ناھايىتى ئېغىر شارائىتلاردا ياشىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر