رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ئېمبارگورسىغا قارشى ئىنكاسى كېچىكمىدى

كرېمىلنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ئامېرىكانىڭ سابىق رۇس جاسۇس سېرگېي سكرىپال بىلەن قىزىنىڭ ئەنگلىيەدە زەھەرلىنىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، موسكۋاغا قارشى يولغا قويغان يېڭى ئېمبارگولارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1029251
رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ئېمبارگورسىغا قارشى ئىنكاسى كېچىكمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى كرېمىل باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئەنگلىيەدە سابىق رۇس جاسۇس سېرگېي سكرىپال بىلەن قىزىنىڭ زەھەرلىنىشى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە قارشى ئېلان قىلغان يېڭى ئېمبارگولار  ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ خىل قارارلار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى ئۇچرىشىشلاردىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش پوزىتسىيەسىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھاۋا پەيدا قىلىدۇ.»

ئۇ رۇسىيەنىڭ سالىسبۇرگدىكى زەھەرلەش ۋەقەسىدە قولى بار دېگەن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى ۋە: «ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىدە باسقان قەدىمىنى قانۇنسىز دەپ بىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا پايدىلىق قەدەم تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش خاراكتېرلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەققىدىكى ئۈمىدلىرىنى ئىزچىل ساقلاپ قالىدۇ. بۇ پەقەت دۆلەتلىرىمىز نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن (8-ئاۋغۇست) ئېلان قىلغان باياناتتا، سېرگېي سكرىپال بىلەن قىزىنىڭ ئەنگلىيەدە زەھەرلىنىشى سەۋەبىدىن موسكۋاغا قارىتا يولغا قويۇلىدىغان يېڭى ئېمبارگولارنىڭ 22-ئاۋغۇستتا باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

يېڭى ئېمبارگودا، دەسلەپكى قەدەمدە رۇسىيەنىڭ ئېكسپورتىغا ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىگە چەكلىمە قويۇلىدىكەن. ئەگەر كېيىنكى كۈنلەردە رۇسىيە خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرمىگەن ئەھۋالدا، رۇسىيەنىڭ ئايروفلوت (Aeroflot)  ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئامېرىكاغا قاتنىشىنى چەكلەش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قوشۇمچە ئېمبارگولار يولغا قويۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر