ئامېرىكىدىكى سايلاملارغا نۇرغۇن مۇسۇلمان نامزات بولدى

ئامېرىكىدا بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلاملارغا 90 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان نامزات بولدى.

1027799
ئامېرىكىدىكى سايلاملارغا نۇرغۇن مۇسۇلمان نامزات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا بۇ يىل نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلاملارغا نۇرغۇن مۇسۇلمان نامزات بولدى.

ئەل-جەزىرەنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا كۆپ سانلىقى دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئەزاسى بولغان 90دىن ئارتۇق مۇسۇلمان، يەرلىك سايلاملارغا نامزات ياكى نامزات نامزاتى بولغان، بۇ سان ئامېرىكىدا 2001-يىلى 11-سېنتبەبىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكە ئىگە ئىكەن.

ئانالىزچىلار سايلامغا بۇنچىۋېلا كۆپ مۇسۇلماننىڭ نامزات بولۇشىغا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى بەرگەن باياناتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم رايون ھەم مەملىكەت مىقىياسىدە ۋەكىل چىقىرىش ئۈچۈن سىياسەتكە ئارىلىشىشقا بەل باغلىقلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

سايلاملارغا دېموكراتچىلار پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن مىشىگان ئىشتاتىدىن نامزات بولغان 33 ياشلىق ئابدۇل ئەل سەيەد، ناۋادا بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان تەييارلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقسا ئامېرىكىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ئىشتات باشلىقلىق سالاھيىتىگە ئېرىشىدۇ.

ئارىزونا ئىشتاتىدىن ئالىي پالاتا نامزاتى بولغان ئادۋۇكات ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى دېدرا ئابدۇھ ۋە ۋاشىنگىتوندىن يەرلىك كومىتېت ئەزالىقى ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشكەن ئامر كوتب قاتارلىق شەخسلەرنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر