ھىندونېزىيە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرلىرى داۋاملاشماقتا

ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان لومبوك ئارىلىدا 5-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 105 كە چىقتى، 7 مىڭ ساياھەتچى رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلدى.

1028279
ھىندونېزىيە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئاگېنتلىقى باياناتچىسى سۇتوپو پۇرۋو نۇگروھو قۇتقۇزۇش-ئىزدەش خىزمەتلىرىدە، لومبوكنىڭ شىمالىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر جامەنىڭ خارابىلىقى ئاستىدىن بىر كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جامەنىڭ خارابىلىقى ئاستىدا قالغان كىشىلەر سانىنىڭ ئېنىق بىلىنمەيدىغانلىقىنى، بىراق بىر قانچە كىشىنىڭ بار بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، لومبوكقا قاراشلىق گىلى ئاراللىرىدىمۇ 7 مىڭ ساياھەتچىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ يۆتكىلىشىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

يەر تەۋرەش رايونى ۋە ئەتراپلىرىدا كەڭ دائىرىلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى، يەر تەۋرەشتە 236 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ھىندونېزىيە مېتېرولوگىيە، كىلىمات ۋە گېئوفىزىك ئىدارىسى 6 -ئاۋغۇست مەركىزىي نۇقتىسى لومبوكنىڭ شەرقىي شىمالىغا 27 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋە 15 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەن 7 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئېلان قىلغان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر