ئامېرىكانىڭ چىكاگو شەھىرى ئەڭ قانلىق ھەپتىلەردىن بىرنى باشتىن كەچۈردى

ئامېرىكىنىڭ «جىنايەت پايتەختى» دەپمۇ بىلىنىدىغان چىكاگو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە كونسۇلخانىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ شەھەرنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي قىسىملىرىدىكى مەھەللىلەرگە بارماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

1026436
ئامېرىكانىڭ چىكاگو شەھىرى ئەڭ قانلىق ھەپتىلەردىن بىرنى باشتىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئىككى كۈندىن بۇيان يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا 9 كىشى ئۆلۈپ، 60 كىشى يارىدار بولدى.

چىكاگو ساقچى دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇزىكا فېستىۋاللارىدىن بىرسى بولغان «Lollapalooza» جەريانىدا، ھەپتە ئاخىرى يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ساقچى دائىرىلىرى شەھەردە جۈمە كۈنى كەچتە ۋە يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا 9 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايىرىلىپ، 60 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا 17 ياشلىق بىر ياش قىزنىڭ بارلىقى ۋە يارىدار بولغانلار ئارىسىدا، 11 ياشلىق بىر ئوغۇل ئۆسمۈرنىڭمۇ بارلىقى بقەيت قىلىندى.

ئەڭ ئېغىر ھۇجۇم شەھەرنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىي قىسىملىرىدا يەكشەنبە كۈنى يۈز بەردى.

چىكاگو ئەڭ قانلىق يەكشەنبىلەردىن بىرنى باشتىن كەچۈردى. 7 سائەت ئىچىدىلا 4 كىشى ئۆلۈپ، 40 كىشى يارىدار بولدى.

قوراللىق ھۇجۇملار سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ چىكاگودا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ شەھەرنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي قىسىملىرىدىكى مەھەللىلەرگە بارماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

چىكاگودا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۈگۈنگە قەدەر يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا 314 كىشى ئۆلۈپ، 769 كىشى يارىدار بولدى.

ئامېرىكىنىڭ «جىنايەت پايتەختى» دەپمۇ بىلىنىدىغان چىككاگو شەھىرىدە ئالدىنقى يىلى 2785 قېتىم قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن ۋە جەمئىي 674 كىشى ئۆلۈپ، 3567 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر