دونالد ترامپ يەنە تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئاقساراينىڭ سابىق ئۇچۇ-ئالاقە ئىشلىرى مۇدىرى ئانتونىي سىكارامۇككى دونالد ترامپنى ژورنالىستلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن تەنقىد قىلدى.

1026556
دونالد ترامپ يەنە تەنقىدكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ سابىق ئۇچۇ-ئالاقە ئىشلىرى مۇدىرى ئانتونىي سىكارامۇككى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تەنقىد قىلدى.

« CNN » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئانتونىي سىكارامۇككى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تاراتقۇلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

ئوخشىمىغان قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتقان ئانتونىي سىكارامۇككى: ترامپنىڭ تاراتقۇلار بىلەن جېدەل قىلىشى ئۇنىڭغا زىيانلىقتۇر، دېدى.

ئانتونىي سىكارامۇككى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ژونالىستلارغا دۈشمەنلەرچە مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوبرازىغا نىسبەتەن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دونالد ترامپ تۋىتتېر ئادرېسىدا مۇنداق ئۇچۇر يازغانىدى: «يالغان خەۋەر يازغۇچىلار بۆلگۈنچىلىككە سەۋەب بولماقتا، بۇ كەسىپتىكىلەر خەتەرلىك ۋە كېسەل ئادەملەردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر