دونالد ترامپ بىلەن ئايالى مېلانىئا ترامپ ئوتتۇرىسىدا يىرىكچىلىك يۈز بەردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئايالى مېلانىئا ترامپ ئوتتۇرىسىدا لېبورن جامېس يۈزىسىدىن يىرىكچىلىك يۈز بەردى.

1026763
دونالد ترامپ بىلەن ئايالى مېلانىئا ترامپ ئوتتۇرىسىدا يىرىكچىلىك يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئايالى مېلانىئا ترامپ يولدىشى ترامپنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئاتاقلىق ۋاسكېتبول ماھىرى لېبورن جامېس ھەققىدىە ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ھەمبەھىرلەشكەندىن كېيىن، ئاتاقلىق ۋاسكېتبول ماھىرىنى ماختاپ بايانات ئېلان قىلدى.

لېبورن جامېس «CNN» تېلېۋزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئايرىمچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىرقىي ئايرىمچىلىققا جاسارەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇنىڭغا جاۋابەن دونالد ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئاتاقلىق ۋاسكېتبول ماھىرىنىڭ ئەقلىي بىنورماللىقىنى ئىما قىلىدىغان سۆزلەرنى ھەمبەھىرلەشكەن ئىدى. 

دونالد ترامپ «CNN» تېلېۋزىيەسىدە سۆز قىلغان كىشىنىڭ ئەڭ ھاماقەت كىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «لېبورننىمۇ ئەقىللىق ئادەمدەك كۆرسەتتى، ۋاھالەنكى بۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى» دېگەن ئىدى.

بۇ سۆزدىن بىر قانچە سائەت ئۆتە - ئۆتمەيلا ترامپنىڭ ئايالى مېلانىئا ترامپ، باياناتانچىسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، لېبورن جامېسنىڭ ئوھويدىكى بىر مەكتەپتە قىلغان خىزمەتلىرىنى ئىما قىلغان ھالدا، «ئىنتايىن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشقان ئىدى» دېدى.

مېلانىئا ترامپنىڭ باياناتچىسى «CNN» تېلېۋزىيەسىدە ئېلان قىلغان سۆزىدە، مېلانا ترامپنىڭ مەزكۈر مەكتەپنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئاتاقلىق ۋاسكېتبول ماھىرى باياناتچىسى «CNN» تېلېۋزىيەسىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، تەنتەربىيەنىڭ ئۇنىڭغا ھەر خىل ئىرققا مەنسۇپ كىشىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇش پۇرسىتى سونغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تەنتەربىيە ھېچ قاچان ئىنسانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك يارىتىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ باقمىدى. ئەكسىچە ھەر دائىم ئىنسانلارنى بىرلەشتۈرگۈچى رول ئوينىدى. ئۇ (ترامپ) بولسا، بىزنى بۆلمەكتە. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تەنتەربىيەنىڭ ئىنسانلارنى بۆلۈش ئۈچۈن سۇيى ئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. بۇنى قوللىشىم مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مەن ئاقتەنلىك بىرسى بىلەن تۇنجى قېتىم تەنتەربىيە جەريانىدا بىر يەرگە جەم بولدۇم» دېگەن ئىدى.

لېبورن جامېس تېلېۋىزىيەدىكى سۆھبىتى جەريانىدا يەنە، ترامپنىڭ يولغا قويغان سىيايەتلىرىنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى جاسارەتلەندۈرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىرقىي ئايرىمچىلىق ھەر دائىم بۇ يەردە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بىراق ئەمدىلىكتە پىرېزىدېنتنىڭ سايىسىدا بۇلار ئۆزىنى يوشۇرۇشنىمۇ زورۈر دەپ قارىمايدىغان بولدى. بىۋاستە يۈزىڭىزگە سۆزلىيەلەيدىغان بولدى» دېگەن ئىدى.

دونالد ترامپ لېبورن جامېسنىڭ ئەقلىنى مەسخىرە قىلىپ، تېۋىتتېردا ھەمبەھىرلەشكەن سۆزىنى، «مەن مايىكنى تالايمەن دېيىش» ئارقىلىق ئاخىرىلاشتۇرغان ۋە مىچېل جورداننى ئىما قىلغان ئىدى.

بۇنىڭغا جاۋابەن مىچېل جوردانمۇ جامېسنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغان ۋە بايانتچىسى ئارقىلىق «مەن لېبورن جامېسنى قوللايمەن. ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئاجايىپ ياخشى ئىشلارنى قىلماقتا» دېگەن ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر