ئەردوغان: ئامېرىكىغا ئەڭ ئۇيغۇن جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈلگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئەڭ ئۇيغۇن جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1025798
ئەردوغان: ئامېرىكىغا ئەڭ ئۇيغۇن جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەنقەرە تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باش مەركىزى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا، بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەگە تەھدىت سېلىۋاتقانلار ۋە بىمەنە ئېمبارگو قارارلارنى چىقىرىش ئارقىلىق تۈركىيەنى تىز پۈكتۈرەلەيدىغانلىقىنى گۇمان قىلىۋاتقانلار بۇ دۆلەتنى ھەم تۈركىيە خەلقىنى ھېچ چۈشىنىپ يېتەلمەپتۇ. بۈگۈن ئالاقىدار تارماقلارغا يوليورۇق چۈشۈردۈم، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيەدىكى مال – مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىپ قويىمىز.»

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىچكى سىياسەت ئۈچۈن كوزېرغا ئايلاندۇۋېلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ياۋروپاغا ئوخشاش خاتالىقلارنى سادىر قىلىش ئامېرىكىغا ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئارىمىزدىكى مەسىلىلەرنى، ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىزنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان ئىتتىپاقداشلىق ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ئېڭىنى ئالدىنقى پىلانغان چىقارغان ھالدا ھەل قىلالىشىمىز مۇمكىن.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  راھىب ئاندرېۋ برۇنسون ۋەقەسى توغرۇلۇق تاشلىغان قەدىمىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ئېڭىغا يات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەسلىدە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېغىر ھاقارەت ۋە ھۆرمەتسىزلىك قىلدى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق تۈركىيەنى ئەدەبلەش ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس. بۇ ئىنجىلىستىك ۋە سىيونىستىك ئاڭنىڭ مەھسۇلىدۇر. پىرېزىدېنت ترامپ بۇ نۇقتىدا چوڭ تۇزاققا چۈشۈپ قالدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر