ئىسرائىلىيەدە نۇرغۇن پارلامېنت ئەزاسى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدىن ھازىرغىچە 27 پارلامېنت ئەزاسى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1022997
ئىسرائىلىيەدە نۇرغۇن پارلامېنت ئەزاسى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدىن نۇرغۇن پارلامېنت ئەزاسى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى 120 پارلامېنت ئەزاسى بولغان ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدىن ھازىرغىچە 27 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بۇ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئوخشىمىغان سەۋەبلەردىن ئىستېپا بەرگەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.

ئىستېپا بەرگەن پارلامېنت ئەزالىرىدىن تۆتى ئەخلاقسىزلىق قىلمىشىدىن، بىرى سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىدىن، 11 پارلامېنت ئەزاسى ئىدىئولوگىيەلىك سەۋەبتىن، يەنە11 پارلامېنت ئەزاسى باشقا سەۋەبلەردىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.

ئىسرائىلىيە مۇتەخەسىسلىرى پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا ئىستېپا بېرىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە ئۈچ ئامىلنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ سەۋەبلەردىن بىرىنچىسى تاراتقۇلار ۋە خەلقنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى تەنقىد قىلىشى، ئىككىنچىسى سىياسىي پائالىيەتنىڭ نوقۇل ئوڭچىل بىرلەشمە ھۆكۈمەت سېپىغا مەركەزلىشىشى ۋە  بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پاسسىپ ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى، ئۈچىنچىسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى سالاھىيىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئىكەن.

بۇ ئارىلىقتا، «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت»قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشىدىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن زۇھەير بەھ، بۇنىڭدىن كېيىمۇ تېخىمۇ كۆپ پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر