ئىران، تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدا قىزىل لىنىيەلىك تېلېفون تەسىس قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئىران پارلامېنتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت كومىتېتى باشلىقى ھەشمەتۇللاھ فەلاھەتپىشە، «ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قىزىل لىنىيەلىك تېلېفون ئورنىتىلغۇچە تېھران بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ مەنپەئەتلىرى باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىدۇ» دېدى.

1023251
ئىران، تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدا قىزىل لىنىيەلىك تېلېفون تەسىس قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پارلامېنتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت كومىتېتى باشلىقى ھەشمەتۇللاھ فەلاھەتپىشە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تېھران بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىغا ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قىزىل لىنيەلىك تېلېفونى ئورنىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فەلاھەتپىشە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئىران بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش چاقىرىقى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئامېرىكا بىلەن ئىران ئارىسىدىكى سۆھبەتلەر ئوتۇپىيەگە ئايلانماسلىقى لازىم» دېدى.

ئۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكلەردىن ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ پايدىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا، «ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قىزىل لىنىيەلىك تېلېفون ئورنىتىلغۇچە تېھران بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ مەنپەئەتلىرى باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىدۇ» دېدى.

فەلاھەتپىشە، تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدىكى تارىخىي ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك يۈزىسىدىن دىپلوماتىيەنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالمىغانلىقىنى خاتىرىلەتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئىككى كۈچ ئارىسىدىكى دىپلوماتىيەگە ئىرانلىقلار ياكى ئامېرىكىلىقلاردىن بەكرەك رايوندىكى قالاق ھاكىمىيەتلەر ۋە زىيۇنىستلەر توسقۇنلۇق پەيدا قىلدى» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

دونالد ترامپ، ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئۇسېپپې كونتې بىلەن ئاقسارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە سۆز قىلىپ، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشسە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئىران خالىسا، چوقۇم كۆرۈشىمىز. باشقا ئىنسانلار بىلەن سۆزلىشىشتە بىر مەسىلە يوق. بولۇپمۇ بۇ كىشىلەر بىلەن، بىرەر ئۇرۇشقا كىرىپ قېلىش، ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسا، كۆرۈشىمەن. بۇنىڭدا بىر مەسىلە يوق. شىمالىي كورېيە لىدىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم» دېگەن ۋە رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قويمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر