ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان فاراھ ۋىلايىتىدە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ 11 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.
1023153
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاراھ ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ناسىر مەھرى، پۇقرالار ئولتۇرغان بىر ئاپتوبوس بالابۇلۇق ناھىيەسىدىكى تاش يولدا كېتىۋاتقاندا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر بومبىنىڭ پارتلىتىلغانلىقىنى، ۋەقەدە 11 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 38 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.