كالىفورنىيەدىكى ئوت ئاپىتى كونترول قىلىنالمىدى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى سەككىزگە چىقتى.

1022950
كالىفورنىيەدىكى ئوت ئاپىتى كونترول قىلىنالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتى كونترول قىلىنالمىدى. «لوس ئانژېلىس ۋاقتى» (Los Angeles Times) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن باشلانغان ۋە ھازىرغىچە كونترول قىلىنالمىغان دالا ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان سەككىز كىشىنىڭ ئىككىسى پاژارنى خادىمى ئىكەن. غايىپ بولغان يەتتە كىشىدىن بولسا، ھېچقانداق خەۋەر ئېلىنالمىغان. ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سانى 50 مىڭغا يەتكەن. 657 ئۆي كۆيۈپ كەتكەن ۋە 145 ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

مەسئۇل دائىرىلەر، تارقاقلاشتۇرۇلغان ئۆيلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقى گۇمانى بىلەن ئىككى كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

23-ئىيۇلدىن تارتىپ باشلانغان ۋە %5 ى كونترول قىلىنغان دالا ئوت ئاپىتى تەخمىنەن 350 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جايغا تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

پىرېزىدېنت ترامپ ئوت ئاپىتى رايونىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر