خىتايدا ۋاكسېنا شەرمەندىچىلىكىنىڭ تەسىرى داۋاملاشماقتا
خىتايدا، شەندوڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ۋە ۋاكسېنا خىزمەتلىرى مۇدىرى سوڭ لىجى يۈز بەرگەن ۋاكسېنا شرمەندىچىلىكىدىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا ئۇرۇندى.
1023168
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوڭ لىجى ئۆزىگە كۆپ مىقتاردا ئىنسۇلىن ئۇرۇۋالغان.
سوڭ لىجى دەرھال بالنېستقا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سوڭ لىجى سۈپەتسىز ۋاكسېنالارنىڭ ئۆز جاۋابكارلىقى دائىرىسىدىكى رايونلاردا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
شۇ قېتىمقى ۋاكسېنا شەرمەندىچىلىكىدە ئاز دېگەندىمۇ 210 مىڭ كىچىك بالىنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.